يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 0-قىسىم

ShirKhan shirkhan 2020-11-30
Image

ئاپتوردىن
مېنىڭ بۇ قوللانمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم سىزنىڭ HTML نى تېز سۈرئەتتە ئۆگىنىشىڭىزگە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك HTML تېمىلىرىغا پىششىق بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن.

Image


HTML بولسا Hyper Text Markup Language (ئادەتتىن تاشقىرى تېكىستلىك خەتكۈچ بەلگىلەر تىلى) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، توربەت (يەنى Web) نىڭ ئەڭ ئاساسىي قۇرۇلما مودۇللىرىنىڭ بىرى.

Image

1993-يىلى HTML رەسمىي بارلىققا كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھازىرقى ھالەتكە ئۆزگىرىپ، ئاددىي تېكىست ھۆججىتىدىن تەرەققىي قىلىپ مول بولغان Web پىروگراممىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قوللانما كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلەنگەن.
ئالدى بىلەن، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر. بۇ قوللانما HTML نى نۆلدىن باشلاپ ئاددىي ھەمدە ئەتراپلىق چۈشەندۈرىدۇ، شۇڭا سىز بۇ قوللانمىنى ئىشلىتىپ HTML نى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن، كەسپىي خادىملار. HTML ئادەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆگىنىدىغان نەرسە دەپ قارىلىدۇ. بۇ بەلكىم ھەقلىق بولۇشى مۇمكىن.

ھالبۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرغۇن ئىشلار چۈشىنىكسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مېنىڭ بۇ قوللانمىنى يېزىشىم مېنىڭ تېمىغا بولغان چۈشەنچەمگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن،چۈنكى مەن مەلۇم بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولسام،مەن ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك.

سىز كۈندىلىك خىزمەتلىرىڭىزدە HTML نى يازمىسىڭىزمۇ، HTML نىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىۋېلىشىڭىز، توربەت پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە بەت يۈزىنى تەڭشىگەندىكى نۇرغۇن باش ئاغرىقلىرىڭىزنى ساقايتالىشى مۇمكىن.

كىرىش سۆز
HTML بولسا Web دەپ ئاتالغان بۇ كەشپىياتنىڭ ئاساسى. يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەرياندا HTML دىكى ئۆزگىرىش ناھايىتى ئاز بولۇپ، ھازىرغىچە يەنىلا Web نىڭ ئاساسى بولۇپ تۇرماقتا.

HTMLنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىر ئىشنى ئاساس قىلىدۇ- ئاددىيلىق.

كىشىلەر ئىشلارنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۇ XHTML ئارقىلىق گۆرۈگە ئىلىنغان XML دىيالېكتنى رەت قىلدى. HTML بۇنداق قىلىشى بىزگە يەنە بىر خۇسۇسىيىتى، يەنى «كەڭچىلىك» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىندۇر. بەزى قائىدىلەر بار، لېكىن سىز ئۇلارنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، سىزدە يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئەركىنلىك بولىدۇ. (يەنى سىز بۇ قائىدىلەرگە تولۇق بوي سۇنمىغان تەقدىردىمۇ، HTML ئۇلارنى توغرا يېشىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.

توركۆرگۈچلەر «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارغاندا بىر كۆزىنى قىسىۋىلىشنى» ئۆگىنىۋالدى. ئۇلار HTML نى ئانالىز قىلغاندا ۋە ئىشلەتكۈچىلەرگە كۆرسەتكەندە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەڭ توغرا ھالەتتە كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل Web سۇپىسى بىر ئىشنى توغرا قىلدى، يەنى ئارقىغا ماسلىشىشچانلىقنى ئەزەلدىن بۇزمىدى. ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى، بىز 1991-يىلى يازغان HTML ھۆججىتىگە قايتالايمىز، ئۇلار قارىماققا يېقىنقى يىللاردىكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.

ئىزاھات
ئارقىغا ماسلىشىشچانلىق دېگىنىمىز، دېتاللارنىڭ ۋە پىروگراممىلارنىڭ كىيىنكى نەشرىنىڭ ئالدىنقى نەشىرلىرىدىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق قوللىشىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز ھەتتا بىرىنچى تور بەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مانا دەل ئاستىدىكى مۇشۇ توربەت شۇ.
http://info.cern.ch/hypertext/www/theproject.html


Web ۋە HTML نىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىز ھەرقانداق تور بەتتىكى HTML ئەسلىي كودىنى نى تەكشۈرەلەيمىز. سىز ئۆزىڭىزنى بۇنداق ئىمكانىيەتكە ئېرىشىشكە ھەقلىق دەپ قارىماڭ، بۇنداق ئىمكانىيەت Web دىن باشقا ھېچقانداق ساھەدە تەمىنلەنمىگەن.

Image

تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئىچىدىكى Developer Tool (ئېچىش قورالى) بىزنى دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەم يازغان HTML نى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئەگەر سىز HTML نىڭ يېڭىدىن ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ قوللانما سىزنىڭ باشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر سەن بىر مول تەجرىبىلىك Web پىروگراممىسى ئېچىش خادىمى بولسىڭىز، بۇ قوللانما سىزنىڭ چۈشەنچىقىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن.

گەرچە Web پىروگراممىلىرىنى ئىچىش بىلەن بىر نەچچە يىل شۇغۇللانغان بولساممۇ، مەنمۇ مۇشۇلارنى يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، شۇڭلاشقا سىزنىڭمۇ بەزى يېڭى نەرسىلەرنى بايقىيالايدىغانلىقىڭىزغا، ياكى ئۇنتۇپ قالغان بىلىملەرنى قايتا تەكرار قىلىۋالالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ئاخىرىدا مۇشۇنىڭدەك ئاددىي ئەمگىكىمنىڭ كىشىلەرگە ئاز تولا مەنپەئەت يەتكۇزۈشىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن. كىيىنكى ساندا كۆرۈشەيلى!


كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات
◇ HTML دىن دەسلەپكى چۈشەنچە
◇ HTML بەت قۇرۇلمىسى
◇ بەلگە ۋە ئىلىمىنت 


يازمىدا:     ئارسايبەگ

تەييارلىغۇچى:     ئارسايبەگ


Image
تۈگىدى


مەزكۇر يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ. 


مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


Image


شىرخان سالونىنى قوللاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


بۇ مەزمۇنغا ئائىت مەسىلە، پىكىر تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.



Image
    收录于话题 #html_بىلىملىرى
    10
    上一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 1-قىسىم

    Scan to Follow