يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 1-قىسىم

ShirKhan shirkhan 2020-12-02
Image

HTML بولسا WHATWG ئېنىقلىما بەرگەن ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. ئىلگىرى W3C ( دۇنيا ئۇچۇر تورى ئىتتىپاقى ) HTML ئۆلچىمىنى قۇرۇشقا مەسئۇل تەشكىلات ئىدى.

◇ WHATWG
Web Hypertext Application Technology Working Group

بۇ تەشكىلات ئەڭ كەڭ تارقالغان تور كۆرگۈچلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ ئۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن گۇگۇل، موزىللا، ئالما ۋە مىكروسوفت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

◇ W3C - دۇنيا ئۇچۇر تورى ئىتتىپاقى
The World Wide Web Consortium

W3C نىڭ XHTML غا قاراپ ئىلگىرىلىشى كىشىلەر تەرىپىدىن ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارالغاچقا، HTML نىڭ «تىزگىنەكى» تەبىئىيلا W3C نىڭ قولىدىن WHATWG نىڭ قولىغا يۆتكەلدى. (گەرچە خېلى ۋاقىتلارغىچە W3C بۇنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىغان بولسىمۇ)

◇ W3C ۋە WHATWG نىڭ «جوداسى»
ئەگەر سىز ئەزەلدىن XHTML نى ئاڭلاپ باقمىغان بولسىڭىز، بۇ يەردە بىر كىچىك ھېكايە بار.

Image


21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بىز ھەممىمىز Web نىڭ كەلگۈسى XML بولىدۇ دەپ قارايتتۇق. شۇڭا، HTML ئەينى ۋاقىتتىكى SGML ئاساسىدىكى ئىجادىيەت تىلىدىن XML بەلگە تىلى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ بىر چوڭ ئۆزگىرىش. لېكىن ئاخىرىدا تور كۆرگۈچ تەمىنلىگۈچىلەر بۇنىڭ بىر توغرا تور يولى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھازىر بىلىدىغان HTML5 نى بەرپا قىلدى.

W3C بولسا HTML غا بولغان كونتروللۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ھەقىقىي قوشۇلمىدى، شۇڭا كۆپ يىللاردىن بۇيان HTML نىڭ ئۆز ئارا رىقابەتلىشىدىغان ئىككى ئۆلچىمى بار ھالەتتە تۇردى ۋە ھەر بىرى HTML نىڭ ئورگان ئۆلچىمى بولۇشنى ئىستىشىپ خېلى تىركەشتى.

ئاخىرىدا 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، W3C ئورگان تەرەپ ھەقىقىي HTML نۇسخىسىنىڭ WHATWG نىڭ ئېلان قىلغان نۇسخىسى بولىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. شۇندىن ئېتىبارەن بىز بۇ يەردە تىلغا ئىلىۋاتقان HTML نىڭ تىزگىنىكى ھەقىقىي يوسۇندا WHATWG نىڭ قولىغا ئۆتتى.

◇ HTML5 نىڭ ھېكايىسى

Image


مەن ئۈستىدە HTML5 نى تىلغا ئالدىم، شۇڭا بۇ كىچىك ھېكايىنى بايان ئەتكۈم كەپ قالدى.

1993-يىلى HTML نىڭ بىرىنچى نۇسخىسى بارلىققا كەلدى. 1995-يىلى HTML نىڭ ئىككىنچى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. 1997-يىلى 1-ئايدا HTML3 بىلەن يۈز كۆرۈشتۇق، ھەمدە ئارقىدىنلا يەنى 1997-يىلى 12-ئايدا HTML4 مۇ ئېلان قىلىندى.

20 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىز پۈتكۈل XHTML دىن ھالقىپ، ئەڭ ئاخىرىدا HTML5 گە ئىگە بولدۇق، ئەمدى ئۇ پەقەت HTML لا ئەمەس ئىدى.

Image


HTML5 دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھازىر بىر يۈرۈش تېخنىكىغا ئېنىقلىما بەردى، ئۇ HTML نى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن API لارنى ۋە ئۆلچەملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى، مەسىلەن، WebGL، SVG دېگەندەك.

يەنە بىر چۈشىنىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىش شۇكى، HTML نىڭ پالانچى نۇسخىسى دەيدىغان ئۇقۇم ئەمدى كەلمەسكە كەتتى، شۇنداقلا ئۇ بىر ھايات ئۆلچەمگە ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر پاتمان مۇستەقىل مودۇللاردىن تەركىب تاپقان ئىقتىدارلار بولۇپ، بىز پەقەت مەلۇم ئىقتىدارنىڭ مەلۇم بىر توركۆرگۈچ موتورى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان-ئاشۇرۇلمىغانلىقىنى بىلسەكلا كۇپايە.

مانا بۇ بىز 1997-يىلىدىن باشلاپ HTML4 دەپ ئاتاپ كەلگەن HTML5 نىڭ ھېكايىسى ! بۇ ھەقىقەتەن بىر ئۇزاق مۇساپە !

Image


◇ HTML زادى نېمە؟
HTML بىز توربەت يۈزىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان بەلگە تىلى.

HTML ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن تور كۆرگۈچكە تەمىنلىنىشى مۇمكىن. ئەڭ ئاددىي ئەھۋالدا، بىز پەقەت ئۇنى بىر ھۆججەتكە ساقلىۋېلىپ بىۋاسىتە تور كۆرگۈچتە ئېچىپلا كۆرەلەيمىز.

مۇرەككەپرەك ئەھۋاللاردا، مۇلازىمىتېرلار تور ئىلتىماسىغا ئاساسەن HTML نى ھاسىللاپ تور كۆرگۈچلەرگە تەمىنلەپ بېرىشى، ياكى، بىۋاسىتە تور كۆرگۈچلەردە ئىجرا بولىدىغان JavaScript كودى ئارقىلىق HTML نى ھاسىللاپ چىقىشىمىزمۇ مۇمكىن.

بىز بۇ قوللانمىدا ئاساسلىقى بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى، يەنى HTML كودىنى بىۋاسىتە ھۆججەتكە ساقلىۋېلىپ، تور كۆرگۈچتە ئىچىش ئارقىلىق مەزمۇننى داۋاملاشتۇرىمىز.

قائىدە بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، HTML ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسى html. ياكى htm. كېڭەيتىلگەن نامى بىلەن ساقلىنىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە، بىز «بەلگە» ئارقىلىق مەزمۇننى تەشكىللەيمىز. ئادەتتە HTML بەلگىلىرى مەلۇم تېكىستنى ياكى مەزمۇننى ئوراپ كېلىدۇ ، ۋە شۇنداقلا، ئۆزى ئورىغان شۇ مەزمۇنغا مەلۇم بىر مەنا بىرىدۇ.
تۆۋەندە بىز بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى: بۇ HTML كودى <p> دېگەن بەلگە ئارقىلىق بىر «ئابزاس» نى قۇرۇپ چىقىدۇ.

<p> Men bir abzas ! </p>

بۇ HTML كودى بولسا، <ul> بىلەن بىر «تىزىملىك» نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە <li> بىلەن بۇ تىزىملىكتىكى ھەربىر ئەزانى ئىپادىلەيدۇ.

<ul>  <li> birinji eza </li>  <li> ikkinji eza </li>  <li> vqinji eza </li></ul>

تور كۆرگۈچلەر يۇقىرىقىدەك HTML بەلگىلىرى بىلەن تەمىنلەنگەندە، تور كۆرگۈچلەر ئۇلارنى «تەرجىمە» قىلىدۇ ۋە شۇ ئېلېمېنتلارنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى ئېكران يۈزىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

Image


بۇ قائىدىلەرنىڭ بەزىلىرى، مەسىلەن جەدۋەلنىڭ نامايان بولۇش قائىدىسى دېگەندەك، مۇناسىۋەتلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ئىچىگە ئورنىتىلغان بولىدۇ، يەنى بەزىلىرى بولسا بىز شۇ ئېلېمېنتلارغا بەرگەن CSS خاسلىقى ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ ، مەسىلەن بىر ئابزاسنىڭ كۆك رەڭدە ياكى سېرىق رەڭدە كۆرسىتىلىشى دېگەندەك.  CSS بۇ قوللانمىنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس ئەلۋەتتە !

خۇلاسە شۇكى، HTML بىر ئىلىمىنتنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ قانداق نامايان بولۇشىغا كۆرە، بەكرەك شۇ ئىلىمىنتنىڭ «نېمە» ئىكەنلىكىگە ئېنىقلىما بىرىدۇ.

كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات
◇ HTML بەت قۇرۇلمىسى
◇ بەلگە ۋە ئىلىمىنت
◇ ئىلىمىنت خاسلىقلىرى 


يازمىدا :     ئارسايبەگ

تەييارلىغۇچى :     ئارسايبەگ

 باش نازارەتچى :     شىرخان  


Image
تۈگىدى


مەزكۇر يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ. 


مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


Image


شىرخان سالونىنى قوللاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


بۇ مەزمۇنغا ئائىت مەسىلە، پىكىر تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.



Image
    收录于话题 #html_بىلىملىرى
    10
    上一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 2-قىسىم Html بەت قۇرۇلمىسى 下一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 0-قىسىم

    Scan to Follow