يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 2-قىسىم Html بەت قۇرۇلمىسى

ShirKhan shirkhan 2020-12-08

Image


بىز ئالدىنقى قىسىمدا HTML بەت كونتېكىستنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ بىرنەچچە مىسال ئالغان ئىدۇق. بۇ قىسىمىدا بىز نورمال HTML بېتىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

01


HTML قۇرۇلمىسى


ھەممە ئىش «ھۆججەت تىپى باياناتى» دىن (يەنى doctype ) باشلىنىدۇ. بىز مۇشۇ doctype ئارقىلىق تور كۆرگۈچكە بۇ بىر HTML بەت ئىكەنلىكى ، شۇنداقلا بىز ئىشلىتىۋاتقان HTML نۇسخىسىنىڭ «پالانى نۇسخا» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىمىز.

Web تەرەققىي بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىز پەقەت تۆۋەندىكى ئاددىي بىر قۇر كود بىلەن doctype نى جاكارلىۋەتسەكلا بولدى.

<!DOCTYPE html>

ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بىر جۈپ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان   <html ئېلېمېنتى.

<!DOCTYPE html><html>
</html>

ئۆتكەندە «ئەقىللىك يىشو» لارغا دەپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىزدەك، بۈگۈن بارلىق «شىنيوۋىيمىن» لەرنىڭ سەمىگە يەنە بىر سالىمىزكى: HTML بەلگىلىرى كۆپىنچە ھالەتتە باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش بەلگىسىدىن ئىبارەت بىر جۈپ ھالەتتە كېلىدۇ. يەنى ئاخىرلىشىش بەلگىسىدە بىر / (يانتۇ سىزىق) كۆپ.

لېكىن بەزىدە، ئۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى HTML بەلگىلىرىنىمۇ ئۇچرىتىپ قالىمىز، ئۇلار تاق ھالەتتىمۇ كېلىۋېرىدۇ.

<p> men jup kiliman </p><br /> <hr /> <a /> bizler taq kelsekmu bolawiridu

 <html ئېلېمېنتىنىڭ باشلىنىش بەلگىسى ھۆججەتنىڭ بېشىدا ، يەنى «ھۆججەت تىپى» doctype ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا ئىشلىتىلىدۇ. html ئاخىرلىشىش بەلگىسى بولسا HTML ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ، شۇنداقلا باشقا ھەممە ئېلېمىنىتلار ئاشۇ بىر جۈپ  <html بەلگىسىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ.

بۇ يەردىكى ئىچىگە ئورۇنلاشقان ئېلېمىنىتلار بولسا   <head  ۋە   <body  دىن ئىبارەت.

<!DOCTYPE html><html>    <head></head>    <body></body></html>

ئادەتتە  <head ئېلېمېنتىنىڭ نىڭ ئىچىدە، بىز تور بەت قۇرۇشتا زۆرۈر بولغان بەلگىلەرنى قويىمىز.

مەسىلەن،بەت ماۋزۇسى، مېتا سانلىق مەلۇماتلار، ئىچكى ياكى تاشقى CSS ۋە JavaScript كودى ۋە ئۇلانمىلىرى دېگەندەك. بۇ مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى بەت يۈزىدە بىۋاسىتە كۆرۈنمەي، پەقەت تور كۆرگۈچلەرنىڭ مۇشۇ توربەتنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئەمدى  <html ئېلېمېنىتىغا كەلسەك، بىز ئۇنىڭ ئىچىگە ھەقىقىي مۇشۇ تور بەتتە كۆرسىتىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.

بۇ يەردە «شىنيوۋىيمىن» لەرگە ئەسكەرتىپ قويىمەنكى،  <head  نىڭ مەنىسى «باش» ،  <body  بولسا «بەدەن، گەۋدە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىسمىدىنلا نېمە دېمەكچى بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كود يازغاندا بىلمەيدىغان سۆزلۈكلەرنى لۇغەتتىن بىر ئاختۇرۇۋەتسەك، چۈشىنىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، «يىشو» لار بۇرۇندىن مۇشۇنداق قىلىپ كەلگەن.

02


بەلگە ۋە ئېلېمېنت


مەن يۇقىرىدا بەلگە ۋە ئېلېمېنت تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇقۇمنى نەچچە قېتىم تىلغا ئالدىم، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پەرقى زادى نېمە ؟

بىز يۇقىرىدا   <html  ۋە  <head>  دېگەندەك ھەرخىل بەلگىلەرنى ئىشلىتىپ باقتۇق. بىر ئېلېمېنت بولسا باشلىنىش بەلگىسى ۋە ئاخىرلىشىش بەلگىسى ۋە شۇنداقلا مۇشۇ بىر جۈپ بەلگىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن:
<body> men body ning ichidiki mezmun ... </body>

يۇقىرىقى  ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى  بىر يەرگە كەلگەندىن كېيىن بىر   <body  ئېلېمېنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئەگەر بىر ئېلېمېنت پەقەت ئۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە بەلگە بىلەنلا تاق كەلگەن بولسا، قائىدە بويىچە بۇ ئېلېمېنت ھېچقانداق تېكىستنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ. لېكىن بۇ كىيىنكى گەپلەر ...

03


ئېلېمېنتلارنىڭ خاسلىقى


بىز ئېلېمېنتلارنىڭ باشلىنىش بەلگىلىرىگە ئوخشىمىغان خاسلىقلارنى بىرىش ئارقىلىق، شۇ ئېلېمېنتلارنى بەت يۈزىدە ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا نامايەن قىلالايمىز.

خاسلىقلار خاسلىق نامى ۋە قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە نامى = "قىممىتى"  دىگەن شەكىلدە ئېلېمېنتلارغا بىرىلىدۇ. ئەگەر بىر قانچە خىل خاسلىقنى بىر ئېلېمېنتقا بەرمەكچى بولساق، پەقەت بىر بوش ئورۇن بىلەن ئوتتۇرىنى ئايرىۋەتسەكلا بولىدۇ.

مەسىلەن :
<input type="text" value="qimmet" name="qimmet" />

ئەسكەرتىش:
ئۈستىدىكىسى خاسلىق قىممەتلىرىنىڭ قوش پەش  ""  ئىچىدە كەلگەنلىكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچە ھالەتتىكى يىزىلىشى، شۇنداقلا ئەڭ تەۋسىيە قىلىنىدىغان يىزىلىشىدۇر. ئەمما بەزىدە تاق پەش  ''  بىلەنمۇ يىزىلىشى، ھەتتا بور قىممەتلىرىنىڭ بىۋاستە قىسقارتىلىۋىتىلىشىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا بىز كىيىنچە تەپسىلىي توختىلىشىمىز مۇمكىن.

تەكىتلەشكە تىگىشلىك يىرى شۇكى، خاسلىق نامى لاتىنچە ھەرپلەرنىڭ چوڭ-كىچىك يىزىلىشىغا سەزگۈر ئەمەس ھەمدە قايتىلانسا بولمايدۇ، لىكىن كىشىلەر ئادەتتە ھەرپلەرنى كىچىك يىزىشقا ئادەتلەنگەن.

<p id="1" ID="2">   bundaq yizilish qaidige chvshmeydu, qvnki "id" bilen "ID" bu yerde perqlendvrvlmeydu </p>

مىنىڭچە بۇ خاسلىقلارنىڭ زادى نىمە رولى باردۇر دەپ قالدىڭلار، شۇڭا تۆۋەندىكى كود ۋە ئۇنىڭ تور كۆرگۈچتە نامايەن بولغان ھالىتىگە قاراپ باقايلى

Image


كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ كاتەكچىلەرنىڭ  ئىچىدە كۆرۈنگەن قىممەت، بىز ئەسلى كودتىكى ئۈچ ئوخشاش ئىلىمىنىتىنىڭ   value   خاسلىقىغا بەرگەن قىممەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

04


لاتىن ھەرپلەرنىڭ چوڭ - كىچىك يېزىلىشى


يەنە بىر ئەستە تۇتۇۋىلىشىمىزغا تىگىشلىك يىرى شۇكى، HTML بەلگىلىرى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك يىزىلىشىغا سەزگۈر ئەمەس، يەنى تۆۋەندىكى ئۈچ قۇر كودنىڭ  HTML تەرجىمانلىرى بولغان تور كۆرگۈچلەرگە نىسپەتەن ھىچقانداق  پەرقى بولمايدۇ. لىكىن ئەمەلىي كود يېزىش جەريانىدا كىشىلەر كىچىك ھەرپلەر بىلەن يېزىشقا ئادەتلەنگەن.

<div></div><DIV></DIV><Div></Div>

05


HTML دىكى ئىزاھلاش


بىز كود يازغاندا پەقەت ماشىنىلاردا توغرا ئىجرا بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى يەنە باشقا پروگراممىرلارمۇ كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ يىزىشىمىز لازىم. لىكىن بەزىدە يازغان كودىمىزنى تىخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، كود ئارلىقىغا ھەرخىل ئىزاھلارنى قىستۇرىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.

HTML دىكى ئىزاھلاش بەلگىسى تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بىز پەقەت ئىزاھلارنى `<--`  ۋە   `--!>`  بەلگىلىرىنىڭ ئارىسىغا يازساقلا بولىدۇ. 

<!-- bu yerge nime yazsam, bet yvzide haman kørvnmeydu  -->

HTML دىكى ئىزاھلار پەقەت كود تەھرىرلەش جەريانىدىلا كۆرىنىدىغان بولۇپ، تور بەت يۈزىدىكى مەزمۇنغا ھىچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۈشبۇ باسقۇچتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئىزاھلارنىڭ بەت ھەجىمىنى چوڭايتىۋىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن.

يىغىپ ئىيتساق، بۈگۈن بىز HTML نىڭ بەت قۇرۇلمىسى ۋە گرامماتىكا قائىدىلىرى توغرىسىدا بىر قىسىم يۈزەكى بىلىمگە ئىگە بولدۇق. كىينكى قىسىمدىن باشلاپ بىز HTML دىكى ھەر بىر مەزمۇندا ئايرىم - ئايرىم توختۇلىمىز. كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر.


يازمىدا     :       ئارسايبەگ

تەھرىرلىگۈچى :        Stilly    

باش نازارەتچى :       شىرخان

كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات
◇ HTML دىكى خاسلىقلارنىڭ تۈرى
◇ تېكىست ۋە ئابزاس
◇ تور بەت يۈزىدىكى ئۇلانمىلار


Image

مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


Image


شىرخان سالونىنى قوللاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


بۇ مەزمۇنغا ئائىت مەسىلە، پىكىر تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.


مەزمۇن تەييارلىغۇچىغا پىكىر تەكلىپىڭىز بولسا ياكى ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز سالونىمىزغا arsaybeg ۋە ياكى  html سۆزىنى يوللاش ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز


ئالدى سۇپا بىلىملىرىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس توپ قۇرۇلدى، ئاپتۇرنى قۇشۇپ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈڭ ۋە توپقا قۇشۇلۇپ ياردەمگە ئېرىشىڭ، بىلىدىغانلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ.


Image


    Scan to Follow