يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 5-قىسىم جەدۋەل ۋە رەسىم

ShirKhan shirkhan 1/8

Image


ئالدىنقى قىسىمىدا بىز تور بەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان تېكىستقا مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۇ قىسىمدا بىز ۋەدىمىز بويىچە تور بەت يۈزىدىكى مۇھىم ئەزالاردىن ھىساپلىنىدىغان جەدۋەل (table) ۋە رەسىم (img) گە مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

01


جەدۋەل ھەققىدە


جەدۋەل بولسا قۇر (row) ۋە ئىستون (column) شەكىلىدە سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى ئىلىمىنتلاردۇر. تۆۋەندە جەدۋەلگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خەتكۈچلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.


  • table ۋە caption

بۇ table بولسا بۆلەك دەرىجىلىك خەتكۈچكە تەۋە بولۇپ، جەدۋەلنىڭ بارلىق مەزمۇنى مانا مۇشۇ خەتكۈچنىڭ ئىچىگە قويۇلىدۇ. caption خەتكۈچى دائىم جەدۋەلنىڭ ئىچىدىكى بىرىنجى ئىلىمىنت بولۇپ كىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە مۇشۇ جەدۋەلنىڭ ماۋزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.

<table>
<caption> دەرسلىك جەدۋىلى </caption>
</table>


  • thead ۋە tbody ۋە tfoot خەتكۈچلىرى

بۇ ئىلىمىنتلارنىڭ ھەممىسى بۆلەك دەرىجىلىك ئىلىمىنتلار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەدۋەل ئىچىدىكى جەدۋەل بىشى، جەدۋەل گەۋدىسى ۋە جەدۋەل ئايېغى دىگەن ئۈچ بۆلەكنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى table ئىلىمىنتىنىڭ ئىچىدىكى بىۋاستە بالا ئىلىمىنتلار غا تەۋە بولۇپ، بۇ ئىلىمىنتلارنى ئىشلىتىپ جەدۋەل قۇرۇپ چىققاندا تېخىمۇ سىمانتىكىلىق بەت قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا ۋە ئىكران ئوقۇغۇچنىڭ ئىلىمىنتلارنى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرۈشىگە زور پايدىسى بولىدۇ. لىكىن بۇلارنى ئىشلەتمىگەندىمۇ جەدۋەلنىڭ كۆرسىتىلىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمەنكى، جەدۋەلدىكى باش - گەۋدە - ئاياغ چوقۇم رەت تەرتىپى بويىچە قويۇلىشى كىرەك، بۇ ئ‍ۈچ سۆزلۈكنى ئوقۇيالايدىغان ساۋاتى بار ئوۇرمەنلەرگە بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش بىھاجەتقۇ دەيمەن. Image

بىۋاستە بالا ئىلىمىنت - بۇ دىگەنلىك بىر ئىلىمىنتنىڭ ئاتا ئىلىمىنتىغا نىسپەتەن بىۋاستە بالا ئىلىمنتى، يەنى ئارلىقتا باشقا ئىلىمىنتلار قىستۇرۇلۇپ بوۋا-نەۋرە ئىلىمىنت بوپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، خۇددى بىز ئالدىنقى قىسىملاردا سۆزلىگەن <html> بىلەن <head> ۋە <body> ئىلىمىنتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش.


  • colgroup ۋە col خەتكۈچى

colgroup مۇ جەدۋەلنىڭ بىۋاستە بالا ئىلىمىنتى بولۇپ، بىر گورۇپپا ئ‍ىستونلارنى ئىپادىلەيدۇ. col بولسا colgroup نىڭ بالا ئىلىمنتى بولۇپ، جەدۋەلدىكى بىر ئىستوننى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە col تاق كىلىدىغان خەتكۈچ بولۇپ، بۇ ئىلىمىنتنىڭ ئىچىدە بالا ئىلىمىنت بولمايدۇ. col نىڭ ئاساسلىق رولى جەدۋەلنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئىنىقلىما بىرىش بۇلۇشتىن سىرت يەنە بەزىدە classname ئارقىلىق مەلۇم ئىستونغا پاسون بىكىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ يەردىكى col خەتكۈچىنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىلىقى span بولۇپ، سۈكۈتتىكى قىممىتى 1 بولىدۇ. ئەگەر بۇ خاسلىقىغا 1 دىن يۇقىرى قىممەتنى بەرگەندە، بۇ ئىستوننىڭ كەڭلىكى تەڭ قەدەمدە شۇنچە ئىستون كەڭلىكىدە ئورۇن ئىگىلەيدۇ. بۇ خاسلىق ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدىغان ئۈنۈمنى بىز ئاستىدا كاتەكچىلەرنى ئىپادىلەيدىغان ئىلىمىنتلارنىڭ colspan ۋە rowspan خاسلىقلىرىنى سۆزلىگەندە ئەمەلىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرىمىز.


  • tr خەتكۈچى

بۇ خەتكۈچ جەدۋەلنىڭ بىر قۇرىنى (table row) ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، tbody نىڭ ئىچىگە ياكى بىۋاستە table ئىلىمىنتىنىڭ ئىچىگە قويۇلسىمۇ بولىۋىرىدۇ.


  • th ۋە td خەتكۈچى

بۇ ئىككىلا خەتكۈچ جەدۋەلدىكى بىر يەككە كاتەكچىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتتا th باش كاتەكچە (ماۋزۇ كاتەكچە، نام كاتەكچە) سىنى، td بولسا قىممەت كاتەكچىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

<table>
<tr>
<th>Mal Nami</th><th>Mal Bahasi (RMB/Kg) </th>
</tr>
<tr>
<td>Alma</td><td>3</td>
</tr>
<tr>
<td>Amut</td><td>4</td>
</tr>
</table>

يۇقارقى كود تور كۆرگۈچلەردە تۆۋەندىكىدەك ھاسىللىنىدۇ. (ئەلۋەتتە، مەزمۇننى تېخىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن ، يۇقارقى كودقا كاتەكچىلەرنىڭ چىگراسىنى ئىپادىلەيدىغان ئايرىم CSS پاسونى قوشۇپ بىرىلدى )

Image


  •  كاتەكچىلەرنىڭ colspan ۋە rowspan خاسلىقى

يۇقىرىدا بىز th ياكى td ئارقىلىق جەدۋەلدىكى بىر كاتەكچىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، ئەنە شۇ كاتەكچە ئىلىمىنتلىرىنىڭ مۇھىم خاسلىقلىرىدىن بولغان colspan ۋە rowspanبولسا مۇشۇ كاتەكچىنىڭ نەچچە ئىستون ياكى نەچچە قۇر بوشلۇقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.

Image

colspan نىڭ سۈكۈتتىكى قىممىتى 1 بولۇپ، بۇ بىر كاتەكچىنىڭ بىر ئىستون-كەڭلىكى بوشلۇقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بىز بىر كاتەكچە ئارقىلىق بىر قانچە ئىستون-كەڭلىكىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئۇلارغا 1 دىن چوڭ بولغان پۈتۈن سان قىممىتىنى بىرىشىمىز كىرەك. يۇقارقى colspan=2 دەل مۇشۇ كاتەكنىڭ ئىككى ئىستون كەڭلىكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. rowspan مۇ ئاساسەن ئوخشاپ كىتىدىغان بولۇپ، 1 دىن چوڭ بولغان قىممەت بىرىلگىنىدە، بىرىلگەن قىممەتكە ئاساسەن، شۇ كاتەك ئوخشىمىغان ساندىكى قۇر-ئىگىزلىكى بوشلۇقىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ.

Image

يۇقىرىدا ئىيتىلغان ئىستون-كەڭلىكى ۋە قۇر-ئىگىزلىكى دىگەنلەر نىسپىي قىممەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق ئىگىزلىكى ۋە كەڭلىكى جەدۋەلدىكى مەزمۇننىڭ ئىگىلگەن بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەن ئارسايبەگنىڭ قەلىمى ئاجىز كەلگەچكە، ئارتۇق يېزىقچە چۈشەندۈرمەي بىۋاستە يۇقارقى ئىككى مىسالنى سۇندۇم.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يىرى شۇكى، ئادەتتە بىر كاتەكچە بىردىن ئارتۇق قۇر ياكى ئىستون كەڭلىكىنى ئىگەللىدى دىگەنلىك، ئۆزىدىن كىيىنكى قۇر ياكى ئىستوندىكى كاتەكنى شۇنچە كەڭلىك ياكى ئىگىزلىك بىرلىكىدە «قىستاپ» چىقىرىدۇ دىگەن گەپ. شۇڭا بىز جەدۋەلنىڭ تىخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈشى ۋە يەككە كاتەكچىنىڭ جەدۋەل سىرتىغا «پولتىيىپ» چىقىۋالماسلىقى ئۈچۈن، 1 دىن ئارتۇق قىممەت بىرىلگەن colspan ياكى rowspan مەۋجۇت بولغان قۇرلاردىكى ئىلىمىنلارنىڭ سانىغا دىققەت قىلىشىمىز كىرەك. يەنى، ئۈستىدىكى B ئىككى قۇرنى ئىگەللەپ بولدى، شۇڭا ئىككىنجى قۇردا پەقەت بىر كاتەكچە سىغقىدەكلا بوشلۇق بار دىگەن گەپ. ئەگەر ئىككىنجى قۇردا بىردىن ئارتۇق كاتەكچە ئىلىمىنتى بولغىنىدا، ئاخىرقى ئىلىمىنت پولتىيىپ جەدۋەل سىرتىغا چىقىۋالىدۇ، خۇددى تۆۋەندىكى C غا ئوخشاش.

Image

ئەلۋەتتە بىز كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنى كۆزلەۋاتىمىز، ئەگەر تەلەپ ھەقىقەتەن يۇقارقىدەك «پولتايغان» بىر جەدۋەلنى قۇرۇپ چىقىش بولسا، ئەلۋەتتە يۇقارقى كودمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

جەدۋەلگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جەدۋەلگە مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر ۋە يۇقارقى خاسلىقلار ئارقىلىق «ھەپتىلىك دەرس سەتكىسى» ۋە تۆۋەنكى شەكىلنى مەشىق قىلىپ يېزىپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Image

تېمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۈستىدىكى تاپشۇرۇقنىڭ پايدىلىنىش كودى تەمىنلەندى. ئىككىنجى تاپشۇرۇق « ھەپتىلىك دەرس سەتكىسى» نى تاماملاپ شىرخان سالونىغا يوللىسىڭىز ئاپتور سىزگە قىزىل بولاق يوللاپ بىرىدۇ Image .


  • تاغدىن-باغدىن

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئون نەچچە ھەتتا يىگىرمە يىللارچە ئىلگىرى، مۇرەككەپ جەدۋەلسىمان تور بەتلەر دەل يۇقارقىدەك جەدۋەل خەتكۈچلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ پۈتۈپ چىقار ئىكەن. ئۇ جەدۋەلسىمان تور بەتلەرنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بولغان 搜狐 (يەنى soho.com) ياشقا چوڭراق تورداشلارنىڭ ئىسىدە ھېلىمۇ بارغۇ دەيمەن. لىكىن، كىيىنچە HTML دىكى سىمانتىك خەتكۈچلەرنىڭ موللاشتۇرۇلىشى ۋە CSS نىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى سەۋەپلىك، جەدۋەل ئىلىمىنتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاساسەن بەت يۈزىدىكى ھەقىقى جەدۋەل قىسىمىنى قۇراشتۇرۇشقىلا چەكلىنىشكە يۈزلەنگەن. شۇڭلاشقا بىز جەدۋەلگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىمىنتلارنى مۇشۇ يەرگىچىلىكلا سۆزلەپ تۇرايلى.

Image

👆 2000-يىللاردىكى سوخۇ تورىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ( كۆرۈمسىز بولا مۇشۇندا بولا Image )

02


رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ خاسلىقلىرى


تۆۋەندە بىز تور بەتلەردىكى مۇھىم ئەزالاردىن بىرى بولغان رەسىملەرگە مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ بەزى مۇھىم خاسلىقلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.


  • img خەتكۈچى

بۇ خەتكۈچ بەت يۈزىگە رەسىم قىستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاق خەتكۈچ بولۇپ، قىستۇرماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئادرىسسىنى كۆرستىپ بىرىدىغان src خاسلىقى بۇ ئىلىمىنتنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەمدە مەجبۇرىي خاسلىقى ھىساپلىنىدۇ. مەجبۇرىي خاسلىق دىگىنىمىز بىر خاسلىقنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلىمىنتلارغا چوقۇم تەمىنلىنىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر مەجبۇرىي خاسلىققا قىممەت بىرىلمىگەندە، مۇناسىۋەتلىك ئىلىمىنتلارمۇ نۇرمال ئىشلىمەيدۇ دىگەن گەپ.

<img src="suret.png">

شۇنى ئاددىيغىنە تەكىتلەپ ئۆتۈپ كىتىمىزكى، تۆۋەندىكى كودتا ئىزاھلانغىنىدەك، src خاسلىقىنىڭ قىممىتى ئاشۇ ئۈچ خېلنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.


<!-- مۇتلەق ئادرىس -->
<img src="https://arsay.com/resim.png">

<!-- نىسپىي ئادرىس -->
<img src="./img/resim.png">

<!-- ئىنكودلانغان رەسىم base64 -->
<img src="data:img/jpg;base64,iVBO...CYII=">



  • img خەتكۈچىنىڭ باشقا مۇھىم خاسلىقلىرى

<img 
src="./img/resim.png"
alt="bu bir zinnet resim"
width="120"
height="100"

>

  • alt خاسلىقى - بۇ خاسلىق رەسىمگە تېكىستلىك چۈشەندۈرۈش قوشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى, رەسىم بەت يۈزىدە كۆرسىتىلمەي قالغان ئەھۋالدا، رەسىمنىڭ ئورنىغا مۇشۇ تېكىست كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا، بۇ خاسلىق ئىكران ئوقۇغۇچ دىتاللىرىنىڭ بەت يۈزىنى «چۈشۈنۈش» ۋە توغرا ئوقۇپ بىرىشىگە ياردەم بىرىدىغان بولۇپ، تور زىيارەتچانلىقىنى (Web Accessibility / 网页可访问性 ) ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينايدۇ.

  • width ۋە height خاسلىقى - بۇ خاسلىقلارنىڭ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەسىمىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئىگىزلىكىنى بىكىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ قىممەت بىرلىكى پىكسىل (pixel) بولۇپ، چوقۇم پۈتۈن سانلىق قىممەت بىرىلىشى كىرەك.

  • srcset  ۋە  sizes خاسلىقلىرى - بۇ قىممەتلەر «ھازىرجاۋاب كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى» ( Responsive Design / 响应式设计 ) ئۈچۈن مۇھىم بولغان خاسلىقلار بولۇپ، رەسىملەرنىڭ ئوخشىمىغان كەڭلىكتىكى ئىكرانلاردا، ئىكران كەڭلىكىگە قارىتا ئاپتوماتىك ئەلالاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلىشىگە زور پايدىسى بار. لىكىن بۇ مەزمۇنلار مەزكۇر قوللانمىنىڭ دائىرىسىدە ئەمەس.


03


ئىككى ئېغىز ئىزاھات


يۇقىرىدا بەزى ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش بولغان ئىككى ئۇقۇمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتۇق، شۇڭا ئۇلار توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بىرىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.

تور زىيارەتچانلىقى - بۇ توربەتنىڭ زىيارەت قىلىنىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىق دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، مەيلى توربەتنىڭ زىيارەت قىلغۇچىسىدا قايسى تەرەپتىن قىيىنچىلىق بولسۇن، بۇ تور بەت شۇ زىيارەت قىلغۇچىنىڭ بەتنى نورمال زىيارەت قىلىپ، توربەتتىكى مۇلازىمەتلەردىن ئورتاق پايدىلىنالىشى، شۇنداقلا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ قولايلىقلىرىدىن ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بەھرمان بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئاددىيراق قىلىپ ئىيتقاندا، مەسىلەن، مەيلى زىيارەتچى ياشىنىپ ئۇششاق خەتلەرنى كۆرەلمەيدىغان كىشى، مەيلى ياكى رەڭ قارىغۇسى بولسۇن، چوقۇم شۇ تور بەتنىڭ خىتىنىڭ ئۇششاقلىقى ياكى رەڭ پەرقى ياخشى تەڭشەلمىگەنلىكتەك سەۋەبلەر تۈپەيلى توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كىرەك؛ يەنە مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ قۇلىقى ئاڭلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، تور بەتلەردىكى فىلىملەردىن ھۇزۇر ئىلىشتىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى كىرەك ( ئەمەلىيەتتە فىلىم ئاستىدىكى خەت ۋە خەتلىك چۈشەندۈرۈش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ )؛ يەنە مەسىلەن، ئەڭ ئاددىيسى، بىر كىشى (مائۇسنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ) پەقەت كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىقلا پۈتۈن بەت يۈزىدىكى كونۇپكا ۋە تولدۇرما جەدۋەللەرنى مەشغۇلات قىلالىشى ... دىگەندەك.


ھازىرجاۋاب لايىھە - بۇ ئەمەلىيەتتە ئارسايبەگنىڭ ئۆز-تەرجىمىسى بولۇپ، يۇقىرىدا دىيىلگىنىدەك، كۆرۈنمە يۈز لايىھەسىنىڭ ھەرخىل ئىكرانلارنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇپ لاھىيىلىنىشى شۇنداقلا پروگراممىرلارنىڭمۇ ھەرخىل ئىكرانلارغا قارىتا ئاپتوماتىك ئەلالاشتۇرىلىدىغان كۆرۈنمە يۈزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ھازىرجاۋاب رەسىملەر» دىگىنىمىز بولسا، ئوخشاشلا، بىر رەسىمنىڭ ھەرخىل ئىكرانلارغا قارىتا ئوخشىمىغان ھالدا ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ ئىنىقلىقى، سېغىمى، ئىگىزلىك ۋە كەڭلىكى دىگەندەك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىكران كەڭلىكىگە قارىتا ئاپتوماتىك ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دىگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزىققۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى تور بەتنى زىيارەت قىلىپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. لىكىن راست گەپنى قىلسام، يازمامنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاندىن باشقا ماتىرىياللاردا بۇ ئاتالغۇنى ئەسلى «ماسلىشىشچان» دەپ ئالغانلىقىنى شىرخان ماڭا ئەسكەرتتى، ھەي! «ئۇرۇشتىن كىيىن قەھرىمان جىق» دەپ ! مەن نەچچە لوغەتتىن تاپالماي ئاخىرى ئويلاپ چىققان «ھازىر-جاۋاب» دىگەن سۆزنى ئاسانلىقچە «ماسلىشىشچان» دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۇۋەتكىم كەلمىدى. ئەگەر ئالماشتۇرۇۋەتسەم، يۇقارقى بىرمۇنچە ئىزاھات ئىسراپ بولۇپ كەتكۈدەك 😁 . لىكىن يەنىلا ئوقۇرمەنلەرگە بۇ سۆزنىڭ نوپۇزلۇق ماتىرىياللردىكى تەرجىمىسىنى بىللە يەتكۈزۈپ قوياشنى توغرا تاپتىم.

«ھازىرجاۋاب رەسىملەر» - Responsive Images

https://developer.mozilla.org/en-US/docs/Learn/HTML/Multimedia_and_embedding/Responsive_images


Image

بۈگۈنكى تېمىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى،  كىيىنكى قىسىمدا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر. 👋


* بىرىنجى تاپشۇرۇقنىڭ پايدىلىنىش كودى

<table>
<tr>
<td colspan="2"></td>
<td rowspan="2"></td>
</tr>
<tr>
<td rowspan="2"></td>
<td></td>
</tr>
<tr>
<td colspan="2"></td>
</tr>
</table>


تاپشۇرۇقنى تاماملاپ شىرخانغا يوللاشنى ئۇنتۇپ قالماڭلارھە ! 


يازمىدا :       ئارسايبەگ  

باش نازارەتچى :        شىرخان


كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات

◇ تور بەت يۈزىدىكى ئۇلانمىلار

◇ تولدۇرما جەدۋىلى (form)

◇ head بۆلىكى


Image

مەزكۇر يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ. 

مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


Image


شىرخان سالونىنى قوللاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


بۇ مەزمۇنغا ئائىت مەسىلە، پىكىر تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.


مەزمۇن تەييارلىغۇچىغا پىكىر تەكلىپىڭىز بولسا ياكى ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز سالونىمىزغا arsaybeg ۋە ياكى  html سۆزىنى يوللاش ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز


ئالدى سۇپا بىلىملىرىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس توپ قۇرۇلدى، ئاپتۇرنى قۇشۇپ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈڭ ۋە توپقا قۇشۇلۇپ ياردەمگە ئېرىشىڭ، بىلىدىغانلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ.


Image





    收录于话题 #html_بىلىملىرى
    10
    上一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 6-قىسىم ئۇلانما ۋە URL 下一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 4-قىسىم تېكىست خەتكۈچلىرى

    Scan to Follow