يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 8-قىسىم | تولدۇرما-II

ShirKhan shirkhan 2/18

Image


سالام ئوقۇرمەن! بۈگۈن بىز داۋاملىق تولدۇرما جەدۋېلى ئ‍ۈستىدە توختۇلىمىز.


01


تولدۇرما جەدۋېلى - ئىككىنجى بۆلەك


تولدۇرما دىگەن سۆز form سۆزىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تور بەت زىيارەت قىلغۇچىنىڭ ھەرخىل ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش ئارقىلىق تور بەت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئۇسۇللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى بۆلەكتە بىز تولدۇرمېغا مۇناسىۋەتلىك form ۋە input قاتارلىق ئېلمىنىتلار بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدۇق. بۇ بۆلەكتە بىز داۋاملىق تولدۇرمېغا مۇناسىۋەتلىك خەتكۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم خاسلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.


  1. <button> خەتكۈچى

بۇ خەتكۈچ ئادەتتە بىر كۇنۇپكىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، سۈكۈتتىكى ھالىتىدە ھېچقانداق ئىپادىسى بولمايدۇ، شۇڭا بىز بۇ خەتكۈچنىڭ ھەرخىل خاسلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ شۇ كۇنۇپكىنىڭ ئىپادىسىگە ئېنىقلىما بىرىمىز.

  • type خاسلىقى - بۇ خاسلىق button نىڭ ئەڭ مۇھىم خاسلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ، submit ، reset ۋە button دىگەن قىممەتلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىممەتلەر كۇنۇپكا ئېلېمېنتىغا ئوخشىمىغان ئىقتىدار ياكى ئىپادىلەرنى بېرەلەيدۇ. تەپسىلاتى ئالدىنقى ساندىكى <input> نىڭكىگە ئوخشاش.

  • autofocus خاسلىقى - ئاپتوماتىك فوكۇسلىنىش. بول قىممىتى قوبۇل قىلىدۇ شۇنداقلا پۈتۈن توربەت يۈزىدە بىرلا ئىلىمىنتقا ئاپتوماتىك فوكۇسلىنىشنى بەلگىلەپ بەرگىلى بولىدۇ.

  • disabled خاسلىقى - بول قىممىتى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، true ھالىتىدە كۇنۇپكىنىڭ «چىرايى ئۆڭۈپ» چېكىلمەس ھالەتكە كىرىدۇ.

  • name خاسلىقى - كۇنۇپكىنىڭ نامى. كۇنۇپكىنىڭ value خاسلىقى بىلەن نامى=قىممىتى دىگەن شەكىلدە مۇلازىمىتېرغا ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

button ئېلېمېنتىنىڭ يەنە form غا ئوخشاش خاسلىقلىرى بولۇپ، ئەگەر ئۇلارغا قىممەت بېرىلگەندە، شۇ قىممەتلەر ئاتا تولدۇرمېنىڭ مۇناسىۋەتلىك خاسلىقلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىدۇ. بۇ خاسلىقلار بولسا :

formaction, formmethod, formenctype, formvalidate, formtarget



  1. <select> خەتكۈچى

بۇ خەتكۈچ بىر ئاسما تىزىملىك ھاسىللايدىغان بولۇپ، ئادەتتە <option> خەتكۈچى بىلەن ئاتا-بالا ئېلمىنىتلار ھالىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.
<select id="pet-select" name="pet-select">
<option value="">-- Tallag --</option>
<option value="dog">It</option>
<option value="cat">Mvshvk</option>
<option value="others">Bashqa</option>
</select>
يۇقىرقى كود بۆلىكىدە كۆرگىنىمىزدەك، select نىڭ ئىچىدە بىز ھەر بىر ئەزانى ئايرىم option خەتكۈچى بىلەن ئوراپ پۈتۈن بىر ئاسما تىزىملىكنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. سۈكۈتتىكى تاللانغان ئەزا بىرىنچى ئەزا بولىدىغان بولۇپ، option نىڭ selected خاسلىقى ئارقىلىق بىز خالىغان ئەزانى سۈكۈتتىكى تاللانغان ئەزاغا ئايلاندۇرالايمىز.

select ئېلېمېنتىنىڭ تەكىتلەشكە تېگىشلىك خاسلىقلىرىدىن multiple ۋە size بار بولۇپ، بۇلاردىن پايدىلىنىپ بىز كۆپ تاللاشنى ۋە كۆپ تاللىنىش ھالىتىدىكى ئاسما تىزىملىكنىڭ بىر قېتىمدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئەزا سانىنى بەلگىلەپ بېرەلەيمىز.

ئەلۋەتتە يەنە، ئاسما تىزىملىكنىڭ ئەزالىرىنى تۈرلەرگە بۆلۈپ كۆپ تاللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلىمۇ بولىدۇ. optgroup ۋە option ئېلېمېنتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق بىز تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.

Image



  1. <textarea> خەتكۈچى

بۇ خەتكۈچ بىر تېكىست بۆلىكى كىرگۈزۈش رامكىسىنى ھاسىللايدىغان بولۇپ، قۇر ئاتلاشنى قوللايدىغان ئارتۇقچىلىقى بار. بۇ ئىلىمىنتنىڭ كۆپىنچە خاسلىقلىرى <input> ئېلېمېنتىغا ئوخشاش بولۇپ، maxlength ۋە minlength بىلەن كىرگۈزۈلگەن ھەرپ سانىنى چەكلىگىلى، ۋە row خاسلىقى بىلەن رامكا ئېگىزلىكىنى بەلگۈلىگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇھىم بولغان wrap دىگەن خاسلىقى بار بولۇپ، تېكىستتنىڭ ئاپتوماتىك قۇر ئاتلاش ئىپادىلىرىنى خاسلاشتۇرۇپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.


  1. <progress> خەتكۈچى

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بۇ ئىلىمىنت توركۆرگۈچلەردە بىر «جەريان كۆرسەتكۈچ» نى ھاسىللايدىغان بولۇپ، ھازىر كۆپىنچە زامانىۋى تور كۆرگۈچلەر بۇ خەتكۈچنى قوللايدۇ. بۇ ئىلىمىنتنى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، max خاسلىقى بىلەن پۈتۈن جەرياننىڭ قىممىتىنى، value خاسلىقى بىلەن ھازىرقى قىممىتىنى بەلگىلەپ بەرسەكلا بولىدۇ.

<progress id="file" max="100" value="70"> 70% </progress>
سەل ئەپسۇسلۇنارلىق يىرى شۇكى، بۇ ئىلىمىنت ھەرخىل تور كۆرگۈچلەردە ئوخشىمىغان شەكىلدە ۋە رەڭدە كۆرسىتىلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئوخشىمىغان تور كۆرگۈچلەردە لايىھە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى CSS بىلەن بىر قۇر پەردازلىۋىتىپ ئىشلىتىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ.

Image

* بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تور كۆرگۈچلەرنىڭ ئىپادىسىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.


تولدۇرمېغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. كېلەركى ساندا بىز HTML باش بۆلىكى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز. كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر. 👋


يازمىدا :       ئارسايبەگ  

باش نازارەتچى :        شىرخان

كىيىنكى سانلاردىن ئالدىن مەلۇمات

◇ head بۆلىكى ( HTML باش بۆلىكى)



Image

مەزكۇر يازما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىشقا بولىدۇ. 

مەزكۇر مەزمۇنلار ھەقسىز، باشقىلارنىڭ ئۆز نامىدا سودا خارەكتېرىدە ئىشلىتىشى ۋە تارقىتىشىغا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


Image


شىرخان سالونىنى قوللاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.


بۇ مەزمۇنغا ئائىت مەسىلە، پىكىر تەكلىپلەر بولسا مۇشۇ يازمىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.


مەزمۇن تەييارلىغۇچىغا پىكىر تەكلىپىڭىز بولسا ياكى ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز سالونىمىزغا arsaybeg ۋە ياكى  html سۆزىنى يوللاش ئارقىلىق ئاپتۇرنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيسىز


ئالدى سۇپا بىلىملىرىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس توپ قۇرۇلدى، ئاپتۇرنى قۇشۇپ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈڭ ۋە توپقا قۇشۇلۇپ ياردەمگە ئېرىشىڭ، بىلىدىغانلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ، باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ.


Image






    收录于话题 #html_بىلىملىرى
    10
    上一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 9-قىسىم | head بۆلىكى 下一篇 يىپەك يولىدىكى HTML ساداسى | 7-قىسىم تولدۇرما جەدۋىلى

    Scan to Follow